ئەردوغان: ئىستانبۇلنى ب د ت نىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ب د ت نىڭ باشلامچى رول ئوينىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

596290
ئەردوغان: ئىستانبۇلنى ب د ت نىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، «پەقەت دۆلىتىمىزنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان دائېش، ئەلقائىدە، PKK، PYD/YPG، DHKP-C ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پائال كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ب د ت  غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تۈركىيەمۇ قۇرغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ب د ت  نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 – يىللىقىنىڭ خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قۇرۇلۇشىدىن بۇيان ب د ت  ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان قىممەت – قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەنىڭ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، مۇرەسسەچىلىك، تەرەققىيات، ئىنسانپەرۋەر ياردەم، مۇھىت ۋە مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى دېگەندەك مۇئەييەن ساھەلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت  خامچوتىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى يېقىنقى يىللاردا مۇنتىزىم ھالدا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، بىر تەرەپتىن قىتئەلەر ۋە مەدەنىيەتلەر دوقمۇشىغا جايلاشقان ئىستانبۇلنى ب د ت  نىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە تارىخى، باي مەدەنىيەت بىرىكمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ب د ت  مەركىزى سۈپىتىدە تەشكىلاتنىڭ پىلان ۋە نىشانلىرىغا ناھايىتى مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى ئالدىدا ئۈچ مىليون مۇساپىرغا مېھماندوستلۇق قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋىجدانىنىڭ ساداسى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر