بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 – يىلى ئەنقەرەدە تەبرىكلەندى

كەمال مالھوترا دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 1945 – يىلىدىن بۇيان خەۋپسىزلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىرىسىدە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

596459
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 – يىلى ئەنقەرەدە تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 – يىلى ئەنقەرەدە بېرىلگەن ئالاھىدە زىياپەت بىلەن  تەبرىكلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇدىرى ۋە ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەمال مالھوترا تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتكە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىزدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا دېپلوماتىيە خادىملىرى ۋە چەتئەللىك ۋەكىللەر قاتناشتى.

كەمال مالھوترا زىياپەتنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 1945 – يىلىدىن بۇيان خەۋپسىزلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىرىسىدە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا ئۇرۇن ئالغان ئەزالارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر