تۈركىيە: ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى يالغان

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزم قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

596066
تۈركىيە: ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقى، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 3 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، ئەمما بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر