بىنالى يىلدىرىم پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسىغا ئۆتۈش تەكلىپى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان چېگىش مەسىلىلەرنىڭمۇ ھەل قىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسى ئۈچۈن ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسى بولۇش سەپىتى بىلەن تەكلىپنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)غا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىنالى يىلدىرىم ئافيونقاراھىسار سودا – سانائەت ئۇيۇشمىسىغا ئەزا سودا – سنائەتچىلەرگە قىلغان سۆزىدە: «پارلامېنت قارار بېرىدۇ. چىققان قارارنى ھەممەيلەن شۇنداقلا بىزمۇ قوبۇل قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارلامېنتىمىز بۇ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىشنى سىلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇلۇغ مىللىتىمىزنىڭ رايىغا سۇنىدۇ. مىللىتىمىز نېمىنى ئۇيغۇن كۆرسە شۇ ئاساستا قارار چىقىدۇ» دېدى.
دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان چېگىش مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىنغان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم: «ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرىمىز، پارلامېنتنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىمىز، ئىنچىكە نارازەت سىستېمىلىرىنى يولغا قويىمىز. تۈركىيەدە ئۇ سائەتتىن كېيىن ھېچبىر شەكىلدە چۇۋالچاق ھۆكۈمەت بولمايدۇ» دېدى.