تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسىنىڭ ئۇۋىلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د غا قارشى بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 6 نىشاننى ۋەيران قىلىۋەتتى.

594375
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسىنىڭ ئۇۋىلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى 59 – كۈنىگە قەدەم قويدى. ئارمىيەمىز بۇ دائىرىدە تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان دائېشقا ئائىت 40 نىشاننى، پ ي د / پ ك ك غا ئائىت 6 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. شۇنداقلا تېررورىستلارنى ئېغىر مەبلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.»

تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈنمۇ پ ي د غا ئېغىر زەربە بېرىپ، 200 تېررورىستنى ئۇجۇقتۇرغان، ھاۋا ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر