تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 18 تېررورىست يوقىتىلدى.

594006
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (20-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ۋە 8 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە چۇكۇرجا ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق ھاۋا بومباردىمانىدا، نىشانلار تولۇق بىتچىت قىلىنىپ، 12 تېررورىست يوقىتىلغان.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەتىگەن سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن باسيان رايونىغا قاراپ ئۇچقان. ئايروپىلانلارغا ئوق ئېتىلغان بىر نۇقتا بىتچىت قىلىنغان ۋە ئۇ نۇقتىدىكى ئالتە تېررورىست يوقىتىلغان. 21 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاۋاشىن رايونىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تۆت نۇقتا بىتچىت قىلىنغان. بىراق، قانچە تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىنمىغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر