تۇغرۇل تۈركەش ياشلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۇغرۇل تۈركەش: «ياشلار تارىخ بويىچە ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىنىشلار ۋە باشقىچە ئىستىقبال تەلەپلىرى بىلەن كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلدى» دېدى

593751
تۇغرۇل تۈركەش ياشلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش، ياشلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئازغۇن ئىدىئولوگىيەلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۇغرۇل تۈركەش ئىستانبۇلدا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە بىرلەشكەن مىللەتلەر مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «زوراۋانلىققا سورەيدىغان ئاشقۇنلۇقلارغا قارشى كۈرەشتە ياشلارنىڭ رولى» تېمىلىق يېغىندا سۆز قىلدى.

تۇغرۇل تۈركەش  پىروگراممىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانى ياشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

تۇغرۇل تۈركەش: «ياشلار تارىخ بويىچە ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىنىشلار ۋە باشقىچە ئىستىقبال تەلەپلىرى بىلەن كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلدى. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۆزگىرىش تەلىپىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ياشلىمىزنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئازغۇن ئىددىيىلەرنىڭ <بۇ ئۆزگىرىش پەقەت زوۋراۋانلىق يولى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ> دېگەندەك ئېزىقتۇرۇش ۋە مەجبۇرلاپ تېڭىش خاراكتېرلىك ۋەسۋەسىلىرىگە قارشى توغرا ئاڭغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

تۇغرۇل تۈركەش ياشلارنىڭ بۇلاردىن ساقلىنىشىدا مېدىيانىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن زوراۋانلىققا تەرغىپ قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە چېگرانى قوغداشتا مېدىيانىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بارلىقىنى بايان قىلىپ، «شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە دائېشقا قېتىلغانلارنىڭ سانى ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر