تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېررورچىلارغا ئېغىر بەردى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

591693
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېررورچىلارغا ئېغىر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۇنجەلى تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 10 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى. يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەر يېنىك يارىلاندى. زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يەنە 8 دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك مىلتىقمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى. رايوندىكى ئىككىنچى بىر زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۆتۈش يولىغا كۆمۈلگەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ماددىلار چۇۋۇپ تاشلاندى.

بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىنىڭ ئانادەرە تاغلىق رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، 4 دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك مىلتىق، 6 دانە قول بومبىسى، 4 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ، ھەر خىل ئوق – دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

مۇشتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 8 گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

يەنە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سىرتتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، بىر دانە M-16 تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى، 2 دانە كالاشنىكوف ماركىلىق ئاپتومات ۋە بۇ قوراللارنىڭ ئوقلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى. رايوندىكى چارلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر