تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا داۋاملىق زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى تۇنجەلى ۋە ھاققارىنىڭ شەمدىنلى رايونىدا ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلماقتا.

590908
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا داۋاملىق زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بومباردىمانلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت 12 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجەلىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى ئىككى قېتىملىق بومباردىماندا 8 نىشان، ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى يېزا – قىشلاقلاردا بولسا  4 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەن.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن، بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر