فىرات قالقىنى ھەرىكىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24- ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

591081
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24- ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا 9 ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈنۈگۈنكى ھەرىكەت جەريانىدا دابىقتىمۇ كونتروللۇقنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان كاتيۇشا راكېتامىيوتى تەھدىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەر يەنە مارەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان توققۇز ئاھالىلەر رايونىنىمۇ قايتۇرۇۋالدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان 146 ئاھالىلەر رايونىدا 1220 كىۋادرات كىلومېتىر جاينىڭ كونتروللۇقى قولغا كىرگۈزۈلدى.

ئازەز – مارە لىنىيەسى بىلەن رائىنىڭ جەنۇبى ئارىسىدىكى رايون بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەرق – غەرب ۋە شىمال – جەنۇب تەرەپلەردىكى يوللارمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان 2 قېتىملىق ھاۋا ھەرىكىتىدە بولسا، 31 مىنا بىلەن كۆپىنچىسى قۇرۇلغان ھالەتتىكى 1186 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ يوقىتىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر