غازىئانتەپتە 3 ساقچى شېھىت بولدى

غازىئانتەپنىڭ شاھىنبەي (گ) ناھىيەسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىغا باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا قولغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن تېررورچىلار ئۆزلىرىنى پارتلاتتى.

590594
غازىئانتەپتە 3 ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپتىكى مەزكۇر پارتلاشتا 3 ساقچى شېھىت بولدى، تۆتى سۇرىيە پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 8 ئادەم يارىلاندى. يارىدارلار جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلدى، يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا، غازىئانتەپ ۋالىيسى ئەلى يەرلىقايا نەق مەيدانغا بېرىپ، ئالاقىدار خادىملاردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن پەيتتە تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋالىي يەرلىقايا،  «ئەپسۇسكى، 3 ساقچىمىز شېھىت بولدى، 4 نەپىرى سۇرىيەلىك بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلاندى.» دېدى.

ۋالىي يەرلىقايا، شەھەرنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دائېش، PKK ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى خىزمەتلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەرياندا، رايوندىن قورال ئاۋازى ۋە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى؛ بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئۆزىنى پارتلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر