فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 54 - كۈنىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 54- كۈنىگە قەدەم قويدى.

590514
فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 54 - كۈنىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 84 نىشانىنىڭ توپقا تۇتۇلغانلىقىنى، توقۇنۇشلاردا 9 ئۆكتىچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 28 ئۆكتىچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائرىىسىدە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئارشاق ۋە دابىق رايونلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، دائېشنىڭ 2 مۇداپىئە ئىستىھكامى، ئۈچ قوماندانلىق كونترول مەركىزى بىلەن بىر ئانتېننىسىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ مەزكۇر رايونغا قاراتقان ھاۋا ھەرىكىتىدە بولسا، 7 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا يەنە، مارېئنىڭ شەرقىدىكى غەيتۇن ۋە غەيلانىيە رايونلىرىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر