پ ك ك بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋەرلىشىش پىروگراممىسى Bylock نى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

589363
پ ك ك بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇشتا «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى» جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان گۇماندارنىڭ يانفۇنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ يانفۇنىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋەرلىشىش پىروگراممىسى Bylock چىقتى.

مۇشتا نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن چېتىشلىقى بار ۋە تېررورىستلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە يوشۇرغانلىقى جىنايىتى بىلەن ساقچىلار ئىزدەۋاتقان پ ك ك لىق تېررورىست باتماندىكى بىر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇتۇلدى ھەمدە ئۇنىڭ يانفۇنىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ئىشلەتكەن  Bylock پىروگراممىسى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە يوللاندى ۋە مەھكىمە تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

ۋالىي سەردار ياۋۇز twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان تېررورىستنىڭ Bylock پىروگراممىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىرناقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا پ ك ك لىق بىر تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى ھەمدە كۆپ ساندا ئوق – دورا، پارتلاتقۇچ ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر