فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە

ئۈزلۈكسىز توپقا تۇتۇش ئارقىلىق ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىشگە ياردەم قىلىندى ۋە بەلگىلەنگەن نىشانلار ئۇجۇقتۇرۇلدى.

589998
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 80 نىشان بىت – چىت قىلىندى.

ئۈزلۈكسىز توپقا تۇتۇش ئارقىلىق ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىشگە ياردەم قىلىندى ۋە بەلگىلەنگەن نىشانلار ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن مىركانە، تاشلىھۇيۇك ۋە تىلەلىگە جايلاشقان 2 قوماندانلىق مەركىزى بىناسى، قورال بازىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 3 بىنا ۋە قورغان تۈرىدىكى نىشانلار بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر