گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىغا ماڭدى

ئامېرىكىدا چاقىرىلغان يىغىندا، گېنېراللار مۇسۇلغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.

589727
گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىغا ماڭدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىغا ماڭدى.

تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېنېرال خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى يىغىندا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى مۇسۇلغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر