چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گىنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خادجا ماكالە ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئىن مارك ئايراۋلت بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ماكالەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى مىنىستىر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
چاۋۇشئوغلۇ ئايراۋلت بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولسا، فىرانسىيە پالاتاسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى باراۋەرلىك ۋە پۇقرالىق قانۇن لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى. تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى تەرەپ زىيارەتلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە سۇرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.