چەت ئەلگە قاراپ يولغا چىققان قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتى دېڭىز تەۋەلىكىدە 20 كىشىلىك بېلىقچى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ قانۇنسىز يوللار بىلەن قىبرىس رىم تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان سۇرىيە پۇقراسى 100 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

587012
چەت ئەلگە قاراپ يولغا چىققان قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر بېلىقچى كېمىسىنى 6 ئاي بويىچە كۆزەتتى. سىلىفكە ناھىيەسى ئاققۇم مەھەللىسى دېڭىز ساھىلىدىن بىر تۈركۈم سۇرىيەلىك مۇساپىرنى ئېلىپ يولغا چىققان كېمە، ئەردەملى ناھىيەسى دېڭىز قىرغىقىدىن 5 مىل يىراقلىقتا دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن توختىتىلدى.

20 كىشىلىك مەزكۇر كېمىدىكى 60 ى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 100 نەپەر سۇرىيە پۇقراسىنى قولغا چۈشۈرگەن خەۋپسىزلىك خادىملىرى، ئۇلارنى ئەردەملى بېلىقچىلار مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ، سوراق قىلىنىشى ئۈچۈن ساقچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

كېمىسىنىڭ ئىگىسى نازارەتكە ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر