دىيارباكىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

دىيارباكىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 6 ئەسكەر يارىلاندى.

586578
دىيارباكىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسى تاغلىق رايونىدىكى چارلاش – زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ راكېتامىيوتلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇمدا يارىلانغان ئەسكەرلەر بالنىستقا ئېلىندى، رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭدىن 10 كۈن ئىلگىرى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ شىرناقتا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 25 ياشلىق كەسپىي ئەسكەر سۈلەيمان ئەنقەرە گۈلخانە دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بۈگۈن شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر