ھاككارىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 10 ئەسكەر 8 پۇقرا شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىگە يېقىن دۇراق قوراللىق ساقچى قىسىم پونكىتىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

585802
ھاككارىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 10 ئەسكەر 8 پۇقرا شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىگە يېقىن دۇراق قوراللىق ساقچى قىسىم پونكىتىنىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 10 ئەسكەر، 8 پۇقرا شېھىت بولدى، 27 ئەسكەر ۋە كۆپ ساندا پۇقرا يارىلاندى. يارىدارلار يۈكسەكئوۋا ۋە شەمدىنلىكىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايون خەۋپسىزلىك چەمبىرىكىگە ئېلىندى. رايوندا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.

يەنە، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدىكى بازىدا قول بومبىسى پارتلاپ كېتىپ بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، پىيادە قىسىم ئەسكىرى فۇرقان ھاممامجى خانتەپە ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسنادا قول بومبىسى پارتلاپ كېتىپ شېھىت بولغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، چۇقۇرجا ناھىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۈنۈگۈن 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى كۆمۈۋېتىلگەن 4 تېررورچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئىككى راكېتامىيوت، ئىككى ئېغىر تىپلىق مىلتىق بىلەن ئىككى مىڭ پاي ئوق، بىر مەرگەن مىلتىقى، 210 پاي ئوقى بىلەن ئۈچ ئاپتومات، ئايروپىلان ئاتار قورالىغا ئائىت نەرسە – كېرەكلەر ۋە 29 دانە قول بومبىسىنى قولغا چۈشۈردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىنجان تاغلىق رايونىدا بايقالغان نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ، بەش تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بىلەن ئىستىھكاملىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر