ئەنقەرەدىكى ئادەم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئەدلىيە ئىشلىرى مىنىستىرى باكىر بوزتاغ: «چوڭ بىر بالايى – قازا توسۇپ قىلىندى» دېدى.

585375
ئەنقەرەدىكى ئادەم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدىكى ئادەم بومبا پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە بەزى مىنىستىرلار بايانات ئېلان قىلدى

خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي سىغۇرتا ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇ ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: « ئەنقەرەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ھازىرلىقى ئىچىدە تۇرغان تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋېلىشى نەتىجىسىدە دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز چوڭ بىر بالايى – قازادىن ساقلىنىپ قالدى» دېدى.

ئەدلىيە ئىشلىرى مىنىستىرى باكىر بوزتاغمۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، ئەنقەرەدە ئۆزىنى پارتلاتقان 2 ئادەم بومبىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىنىڭ پايتەخت ئەنقەرە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. 

باكىر بوزتاغ «چوڭ بىر بالايى – قازا توسۇپ قىلىندى» دېدى ھەمدە بومبا ياشاسقا ئىشلىتىلىدىغان ئاممۇنىي نىتراتنىڭ سېتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمە تەكلىپىنىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)غا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىياسەتچىلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولدى.

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيلەربەيى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىن سائەت 15:30 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر