فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھەم دائېشقا، ھەم پ ك ك غا زەربە بېرىلدى

ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 6 نىشانغا 8 بومبا ئېتىلدى.

585310
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھەم دائېشقا، ھەم پ ك ك غا زەربە بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغان 6 نىشان بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاكتارىن، ئەلبۇل ۋە جاككا رايونلىرىدا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 6 نىشانغا 8 بومبا ئېتىلدى. 1 قوماندانلىق مەركىزى، 1 توپلىشىش  ئورنى، 1 قورال ئىسكىلاتى ۋە 3 يوشۇرۇنىدىغان يېرى غەلىبىلىك بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.

ھۇجۇمدا « HGK-1» ناملىق يەرلىك بومبا ئىشلىتىلدى.

بۇ ئارىلىقتا ھاككارىنىڭ  چۇكۇرجا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 2 تېررورچى تەسلىم بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن 5 تېررورچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا نۇرغۇن ساندا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

30 – ئاۋغۇستتىن بۇيان چۇكۇرجادا 254، ھاككارىدا 374 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر