ئىستانبۇلدا موتوسىكلىت بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

پارتلاشتىن كېيىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە بەزى بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى رايونغا يوللاندى.

584347
ئىستانبۇلدا موتوسىكلىت بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلنىڭ باھچەلىئەۋلەر رايونىدا 75 – يىل ساقچى مەركىزىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا بىرى ئېغىر جەمئىي 5 كىشى يارىدار بولدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ھۇجۇمنىڭ موتوسىكلىت بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاسىپ شاھىن ئۇچۇرىدا: «باھچەلىئەۋلەر رايونى فاتىھ كوچىسىدا بومبا موتوسىكلىت پارتلاش نەتىجىسىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، بىرى ئېغىر جەمئىي 5 كىشى يارىدار بولغان» دېدى.

پارتلاشتىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە بەزى بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى رايونغا يوللاندى.

پارتلاش يۈز بەرگەن جاي بىخەتەرلىك لېنتىسى ئىچىگە ئېلىنىپ، كىرىپ – چىقىش چەكلەندى.

بۇ ئارىلىقتا، ساقچىلار گۇمانلىق دەپ قارىغان موتوسىكلىتلىق ئىككى كىشى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئەترىتى رايوندىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر