تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھاككارى ۋە شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

584077
تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھاككارى ۋە شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ، 18 نىشاننى يوقىتىپ تاشلىدى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان  قىلىنغان باياناتتا، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئېنىقلانغان 11 نىشاننىڭ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى چۇقۇرجادا 228 گە؛ ھاككارى مىقياسىدا بولسا، 246 گە يەتتى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقنىڭ مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىغىمۇ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان 7 نىشاننى يوقىتىپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر