«فىرات قالقىنى» 44 – كۈنىگە قەدەم قويدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررور ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن تۈركىيە باشچىلىقىدا 24 – ئاۋغۇست كۈنى  باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت 44 – كۈنىگە قەدەم قويدى.

584126
«فىرات قالقىنى» 44 – كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئائىت 68 نىشاننى 252 «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، 80 راكېتامىيۇت ۋە 31 تانكا بىلەن بومبىلىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان توسالغۇلار، دائېشقا ئائىت مۇھىم نۇقتىلار، ۋاقىتلىق پاناھجايلار ۋە تېررورىست گۇرۇپپىلار يوقىتىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئايروپىلانلارمۇ ئاقتارىن ۋە قەبتان رايونلىرىدىكى 8 نىشاننى ئۇدا 10 قېتىم بومباردىمان قىلدى. دائېش ئۇنسۇرلىرى قورال – ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 7 بىنا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى تۇرغان بىر بىنا بولۇپ، جەمئىي 8 بىنا بىلەن بىر كونترول نۇقتىسى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركمەنلەر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى دائېش ئۇنسۇرلىرىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ 3 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر