تۈركىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئىراق پارلامېنتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىراق باش ئەلچىسىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى يەتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

583099
تۈركىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئىراق پارلامېنتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئىراقتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى ئىراق پارلامېنتى تەنقىد قىلغان بولۇپ، تۈركىيە دائىرىلىرى ئىراق پارلامېنتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىراق پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە ئەيىبلەش خاراكتېرلىك قارار ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بولۇپمۇ مەزكۇر قارارنىڭ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قارىتىلغان رەزىل بۆھتانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلۈمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى. 

باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ تۈركىيەنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بېرى ھەر مەسىلىدە يېنىدا تۇرۇپ كەلگەن ۋە قول ئىلكىدىكى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ياردەمچى بولۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىراق خەلقىنىڭ كۆپ سانلىق قىسمىنىڭ قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ دەپ قارىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى دەسلەپتىلا قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە: «تۈركىيە شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئىراقنى مەنبە قىلغان تېررورلۇق تەھدىتى سەۋەبىدىن مىڭلىغان پۇقراسىنى قۇربان بەردى ۋە ئىراقتىكى مەزھەپپەرەس پوزىتسىيەلەر سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان مۇقىمسىزلىقنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى زۆرۇر تېپىلغاندا چوڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بەدەللەرنى تۆلەشكىمۇ پەرۋا قىلماي، ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قۇللاپ – قۇۋۋەتلەۈپ كەلدى. بىراق، بۈگۈنگە قەدەر ئىراققا تۈركىيە مەنبەلىك ھېچبىرتەھدىت كۆرۈلۈپ باققىنى يوق» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىراق پارلامېنتىدا ئېلىنغان قاراردىن تۈركىيەنىڭ بىئارام بولغانلىقى ۋە نارازىلىقىنى ئىراق باش ئەلچىسىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىش ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىراق پارلامېنتى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئىراقتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن 1 – ئۆكتەبىردە ماقۇللىغان قارارىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە تەستىقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر