قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختالدى

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىراقنىڭ بەشىكا رايونىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

583421
قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن قۇرتۇلمۇش، «مۇسۇل دائېش تەرىپىدىن بىر كۈندە ئىشغال قىلىۋېلىنغاندا ئىراق ھۆكۈمىتى قەيەردە ئىدى، خەلقئارا جەمئىيەت قەيەردە ئىدى؟» دەپ سورىدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بەشىكادىكى تۈركىيە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا دائىر نارازىلىقلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، «تۈركىيەنىڭ بەشىكادىكى مەۋجۇتلۇقى مۇسۇلنىڭ دائېش تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىندۇر. مۇسۇل دائېش تەرىپىدىن بىر كۈندە ئىشغال قىلىۋېلىنغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتى قەيەردە ئىدى، يەنە كۆپلىگەن ئىراق شەھىرى بىر كۈندە ئىشغال قىلىۋېلىنغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەت قەيەردە ئىدى؟ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بەشىكادىكى مەۋجۇتلۇقى ياكى نۆۋەتتىكى سۇرىيە زېمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىشغالچى نىشانى يوق. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مەقسىتى بىلەنمۇ قىلىنغان ئەمەس» دېدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش يولىدا ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دېموگرافىك قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، «ئىراق ئىراقلىقلارنىڭكىدۇر. سۇرىيە سۈرىيەلىكلەرنىڭكىدۇر. لېكىن، ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇ يەردىكى ئېتنىك قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش، ئۇ يەردىكى دېموگرافىك قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشتەك ئىشلارنى قىلىشىغا تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ يول قويۇشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئىراقنىڭ ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭمۇ بۇنىڭغا يول قويماسلىقى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر