فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24-ئاۋغۇست باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 43-كۈنىدە قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى.

583113
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ رىئا رايونىدا توقۇنۇشتى. توقۇنۇشتا، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يىنىك يارىلاندى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، رىئانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى زىيارا مەھەللىسىگە دائېشچىلارنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشىنى توسۇش جەريانىدا چىققان ئېتىشىشلاردا، 18 دائېشچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەرىكەت دائىرىسىدە بايقالغان 75 دائېش نۇقتىسىغا 221 پاي زەمبىرەك ئوقى، 40 پاي راكېتامىيوت ئوقى ۋە 14 پاي تانكا ئوقى ئېتىلغانلىقى؛ بۇ ئارقىلىق دائېشنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى، ۋاقىتلىق پاناھلىنىش جايلىرى ۋە توختىتىپ قويۇلغان ئىككى ئاپتوموبىلىنىڭ پاچاقلىنىپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەلۇماتلاردا قەيت قىلنىشىچە، ھەرىكەت باشلىنىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا، 1875 نۇقتىغا جەمئىي 8652 قېتىم ئوق ئېتىلغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم تۆت نىشاننى بىتچىت قىلغان، بەش دائېشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر