جىددىي ھالەت ئۇزارتىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش جىددىي ھالەتنى 19-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 90 كۈن ئۇزارتىش توغرىسىدا قارار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىدى.

582278
جىددىي ھالەت ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا كۈللىيەدە مىنىستىرلار كېڭىشى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ: «مىنىستىرلار كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەردىن بىرى، 2016-يىلى 21-ئىيۇل يولغا قويۇلغان ۋە 19-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت مۇددىتىنى ئىككىنچى قېتىم ئۇزارتىش ۋە 20-ئۆكتەبىر ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 1:00 دە يېڭىلاش قارارى ئىدى. مىنىستىرلار كېڭىشى جىددىي ھالەت مۇددىتىنى 90 كۈن ئۇزارتىشنى قارار قىلدى» دېدى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا ماقاملىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا سوتى ھۆكۈم چىقارغىچە بۇ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئەۋەتىلگەن ماتېرىياللار بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپتۇر. بۇ تەلەپنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇلاسىلىنىشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى، تۈركىيە زېمىنىنىڭ دائېش ۋە ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىلىشى، تېررورلۇق كارىدورى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتۇر. بولۇپمۇ دائېشقا قارشى قىلىنغان كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ بىخەتەر رايون ھالىغا كېلىشى ئالدىنقى نىشانىمىز، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قەتئىي داۋاملىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر