فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلمەكتە

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 42-كۈنىدە، تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە 7 دىنامىك نىشان، 4 قوراللىق ئاپتوموبىل، 3 موتوسىكلىت، 4 كاتۇشا ۋە مۆكۈنىدىغان جايلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

582420
فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 80 نىشان، بوران - چاپقۇن ناملىق شاراپنىل ئاتىدىغان 199 تانكا ۋە 20 راكېتامىيوت ئاتار بىلەن بومباردىمان قىلىندى.

تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن ساندا قورال بازىلىرى ۋە 7 دىنامىك نىشان، 4 قوراللىق ئاپتوموبىل، 3 موتوسىكلىت، 4 كاتۇشا ۋە مۆكۈنىدىغان جايلار پاچاقلاپ تاشلاندى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان 1800 نىشانغا 8000 دىن ئارتۇق زەمبىرەك ئېتىلدى. ھەرىكەت باشلانغىنىغا ھازىر 42 كۈن بولۇپ قالدى. ئازاز راي رايونىدا قاتتىق تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. توقۇنۇش جەريانىدا 10 نەپەر قوزغىلاڭچى يارىدار بولدى.

بۇ جەرياندا، بىرلەشمە قىسىملارمۇ ئاقتارىن، گۈزەل مەزرا ۋە تۈركمەن بارى رايونلىرىدا بايقالغان دائېش نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھەرىكەتتە 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. تېررورچىلار ساقلىنىۋاتقان 2 بىنا ۋە دائېشنىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىي بىتچىت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دائېشتىن كونتروللۇقى تارتىپ ئېلىنغان رايونلاردا 28 مىنا ۋە 1004 دانە پارتلاتقۇچ بىخەتەر ھالدا بىرتەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگرا لىنىيەسى بويىچە گۆزجۈ ۋە بايراقتار ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش ئېلىپ بارماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسى پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى شۇنداقلا قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تەۋە ئەترەتلەر بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى خادىملىرى رايوندىكى پۇقرالارغا ھەر كۈنى 3 ۋاقىت تاماق تارقىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭىن باشقا يەنە، سەھىيە مۇلازىمەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بولمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر