ئىسلام دۇنياسى ھىجرىيە 1438-يىلى مۇھەررەم ئېيىغا كىردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ھىجرىيە 1438-يىلى مۇھەررەم ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

581414
ئىسلام دۇنياسى ھىجرىيە 1438-يىلى مۇھەررەم ئېيىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىجرىيە 1438-يىلى مۇھەررەم ئېيى باشلىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان مۇھەررەم ئېيىدا مۇسۇلمانلار روزا تۇتىدۇ.  

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  ھىجرىيە يىلنىڭ مۇقەددىمىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھىجرىيە 1438-يىلىنىڭ تىنچلىق ۋە ئامانلىقنىڭ بەرپا بولۇشىدا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەپ، ئەھلى بەيتنىڭ ئىلغار ئەزالىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۈكۈر ۋە بەرىكەت كۈنى بولغان ئاشۇرا كۈنىنىڭمۇ مۇھەررەم ئېيى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئاشۇرە كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنى، بولۇپمۇ كەربەلا شېھىتلىرىنى ئەسلەيدۇ.»

«ئەھلى-بەيتنىڭ ئىلغار ئەزالىرىنى يەنە بىر قېتىم رەھمەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ياد قىلىمەن» دېگەن باش مىنىستىر، يېڭى ھىجرىيە يىلىنىڭ خەيىرلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.

تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋانمۇ ئەنقەرەدە ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىدە مۇھەررەم ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار تامىقىغا قاتناشتى.

ئەلۋان ئىپتاردا بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر