ئەردوغان: پۈتكۈل تۇزاق ۋە پىلانلار ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلماقتا، شۇڭا...

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇش چەكلەنگەن بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ۋە ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلگەن خەلقنىڭ قايتىپ كېتەلىشى ئۈچۈن 5 مىڭ كۇادېرات كىلومېتىرلىق ساھەنىڭ تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

581389
ئەردوغان: پۈتكۈل تۇزاق ۋە پىلانلار ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلماقتا، شۇڭا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى قاتارغا جايلاشقان «روتانا» تېلېۋىزىيەسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى؛ سۈرىيەلىك مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى سايىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جەرابلۇسقا 30 مىڭ بىلەن 40 مىڭ ئارىسىدا ئادەمنىڭ قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مۇسۇل مۇسۇللۇقلارنىڭ، تەلافەر تەلافەرلىكلەرنىڭكىدۇر. ھېچكىمنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كىرىش ھەققى يوقتۇر. مۇسۇل دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇ يەردە پەقەت سۈننىي ئەرەبلەر، تۈركمەنلەر ۋە سۈننىي كوردلار قېلىشى لازىم» دېدى.

«مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن 12 يېرىم مىليارد دوللار سەرپ قىلدۇق. بۇ بىزنىڭ ئىنسانلىق ۋەزىپىمىزدۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، غەربنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىنى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن پەقەت 250 مىليون دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، سۈرىيەدە 600 مىڭ پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن بەششار ئەسەدنىڭ كېتىشى كېرەكلىكىنى، قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پۈتكۈل تۇزاق ۋە پىلانلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقىنى، شۇڭا ئىسلام دۇنياسى ئەللىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، مىسىر – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى بىلەن پۈتكۈل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر