تۈرك - ياپون ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش كېلىشىمى تەستىقتىن ئۆتتى

تۈركىيە - ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۈرك - ياپون ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا 2014 – يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمى تەستىقلىنىپ، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

581771
تۈرك - ياپون ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش كېلىشىمى تەستىقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا  ئىمزالانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۈرك – ياپون پەن – تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر كېلىشىمگە ئاساسەن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئىلىم – پەن ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلىدۇ.

تۈرك – ياپون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ تىلى ئىنگلىزچە بولىدۇ، مەكتەپتە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققىچە دەرس بېرىلىدۇ. تەييارلىق دەرسلىرىمۇ ئۆتىلىدىغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا، ئوقۇغۇچىلارغا  تۈرك ۋە ياپون تىللىرى بويىچە تىل ئۆگىنىش ئىمكانىيەتلىرى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارغا مۇمكىن بولغىنىدا، ياپون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن قوش دىپلوم ياكى ئورتاق دىپلوم بېرىلىشىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر