تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 960 كۇادېرات كىلومېتىر جاينىڭ كونتروللۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

581064
تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە دائېشنىڭ 79 نىشانىنىڭ توپقا تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئازەز – رائى رايونىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 4  رايوننىڭ كونتروللۇقى قولغا ئېلىندى؛ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، قارارگاھ بىنالىرى، شۇنداقلا بەلگىلەنگەن باشقا نىشانلار ناھايىتى دەل زەربىلەر بىلەن پاچاقلاپ تاشلاندى. توقۇنۇشتا 2 ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 8 ى يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلىپ، سۈرىيەدىكى 7 نىشاننى بومباردىمان قىلىپ، دائېشنىڭ 9 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى، قوماندانلىق مەركىزى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 7 بىنا يوقىتىپ تاشلاندى.

ئىككىنچى بىر تەرەپتە، ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، سۈرىيە چېگراسىدا بىر بايراقدار ۋە بىر چارلاش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئۆزلۈكسىز چارلاش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر