تۈركىيە ئارمىيەسى دائېش بىلەن پ ي د نىڭ مەخپىي ھەمكارلىقىنى پاش قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەرىتىسى دائېش بىلەن پ ي د ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ھەمكارلىقنى پاش قىلدى.

580735
تۈركىيە ئارمىيەسى دائېش بىلەن پ ي د نىڭ مەخپىي ھەمكارلىقىنى پاش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەرىتىدە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان 24 – ئاۋغۇستتىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ / پ ك ك بىلەن دائېشنىڭ مۇنبىچ ۋە ئافرىن رايونلىرىدا ھېچقاچان ئۆزئارا توقۇنۇشمىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەت ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋتە بەششاد ئەسەد كۈچلىرى بىلەنلا توقۇنۇشقانلىقى پاش بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان دائېشقا ئائىت مۇھىم 10 نىشان ئۇدا 93 قېتىم بومبىلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ھەرىكەت 39 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا توقۇنۇشلاردا 3 ئۆكتىچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 7 سىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ 107 ئولتۇراق رايونىنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ 2 قېتىملىق بومباردىمانىدا 1 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە تۈنۈگۈنمۇ دائېشقا ئائىت 99 نىشان ئۇدا 314 قېتىم بومبىلاندى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئايروپىلانلار 6 نىشاننى ئۇدا 6 قېتىم بومباردىمان قىلغان، دائېش تەرىپىدىن قوماندانلىق مەركىزى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 6 بىنا بىلەن ئەتراپىدىكى قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەنىدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ 3 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان، 3 بىنا، ئىككى مۇداپىيە قورغىنى، بىر قورال - ياراغ ئىسكىلاتى، 2 پارتلاتقۇچ، بىر قورال - ياراغ قاچىلانغان ئاپتوموبىل ۋە بىر ئېغىر تىپلىق قورال يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر