ئىسرائىلىيە تۈركىيەگە 20 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىدى
ئىسرائىلىيە 2010 – يىلقى ماۋى مارمارا ۋەقەسى قۇربانلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە 20 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىدى.
580389
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆلەم تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بانكا ھېساباتىغا ياتقۇزۇلدى.
غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ماۋى مارمارا پاراخوتى 2010 – يىلى 31 – ماي كۈنى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 10 تۈرك ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
تۆلەم، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە تۆلىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلەردىن بىرى ئىدى.