فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 37-كۈنىگە قەدە قويدى

تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 37-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

579983
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 37-كۈنىگە قەدە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بىر ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 37-كۈنىدە ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمىدە بايقالغان دائېشنىڭ 50 نۇقتىسىغا 158 توپ ئوقى ۋە يىراق مۇساپىلىق 80 راكېتامىيوت ئېتىلغان. بۇنىڭ بىلەن، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان 24-ئاۋغۇستتىن بۈگۈنگىچە دائېشنىڭ 1469 نۇقتىسىغا 5675 توپ ئوقى ئېتىلغان.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ھاجى كۈشاھتا بايقالغان ئۈچ نۇقتا بومباردىمان قىلىنغان ۋە ئىككى بىنا بىلەن بىر ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ زىيادىياھ رايونىغا قىلغان بومباردىمانىدا بىر دائېشچى ئۆلگەن، بىر بىنا بىتچىت قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، بابنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئىككى كىلومېتىر كىېلىدىغان ۋە دائېش تەرىپىدىن قوللىنىلغان بىر بىناغا سەككىز راكېتامىيوت ئېتىلىپ ۋەيران قىلىنغان.

بۇ جەرياندا، ئۆكتىچىلەر رائىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان تالئارنىڭ كونتروللۇقىنى قايتا قولىغا ئېلىش بىلەن بىرگە، زىيادىياھ ۋە گۇرۇرنى قولغا كىرگۈزدى. رائىنىڭ شەرقىدىكى ئەلئەييۈبىياھنىڭ كونتروللۇقى دائېشنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.

تۈنۈگۈن (29-سېنتەبىر) يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆكتىچىلەردىن تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى، 15 ئەسكەر يارىلاندى.

تۈركىيە تەبىئىي پاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ھەمدە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە رايوندىكى پۇقرالارنى يېمەك-ئىچمەك، سەھىيە خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر