كۈللىيەدە ئۇشتۇمتۇت خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلدى

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن بۇرۇن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۇشتۇمتۇت خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

578439
كۈللىيەدە ئۇشتۇمتۇت خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈللىيەدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل رەھبەرلەر قاتناشتى. يىغىن تەخمىنەن 2 يېرىم سائەت داۋاملاشتى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەش يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى.  

يىغىندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى. چېگرا بىخەتەرلىكى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى. تەكشۈرۈشلەردە يېتىپ كېلىنگەن نۇقتا ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلمىسى مۇھاكىمە قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر