فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا 24-ئاۋغۇست باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 34-كۈنىگە قەدەم قويدى.

577726
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئامەرىياھ، تالئار، تالئاشاھ ۋە ئەييۇبىياھ رايونلىرىدا توقۇنۇشماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 18 نۇقتىسىنى 27 قېتىم بومباردىمان قىلدى. ھەربىي مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە 1307 دائېش نۇقتىسىغا جەمئىي 5 مىڭ 34 توپ ئوقى ئېتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامەرىياھ رايونىدا بايقالغان نىشانلارغا قىلغان ئۈچ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 4 تېررورىست ئۆلگەن.

بۇ جەرياندا، مەخپىي كۆمۈلگەن ئىككى مېنا بىخەتەر ھالدا بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە جەمئىي 28 مېنا ۋە 981 سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار بىر تەرەپ قىلىنغان.

سۈرىيە چېگرا لىنيەسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆزىتىش ئۇچۇشلىرى داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى رايوندا ياشاۋاتقان پۇقرالارنى ئۈچ ۋاخ تاماق بىلەن تەمىنلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر