فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 33-كۈنىدە يەتتە دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى 24-ئاۋغۇست باشلىغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يەتتە ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 69 نىشانغا 210 توپ ئوقى ئېتىلدى.

577174
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 33-كۈنىدە يەتتە دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ھەرىكەت باشلانغانلىقىنىڭ 33-كۈنى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆكتىچىلەرنىڭ رائىنىنىڭ غەربىدىكى سانداراھ، كادرىش ۋە باھۋۇرتاھ بىلەن شەرقتىكى شاندى تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمىدە بايقالغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 69 نۇقتىسىغا 210 دانە توپ ئوقى ئېتىلغان. بۇنىڭ بىلەن، ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشنىڭ 1289 نۇقتىسىغا ئېتىلغان توپ ئوقىنىڭ سانى 5 مىڭ 7 گە چىققان. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى تالل ئاتىياھ ۋە شاندىدىكى ئۈچ نۇقتىغا ئۈچ بومبا تاشلاپ، ئىككى بىنانى پاچاقلاپ تاشلىغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ بەش قېتىملىق ھاۋا ھەرىكىتىدە، يەتتە تېررورىست ئۆلتۈرۈلگەن، بىر دانە مىنامىيوت ئېتىش نۇقتىسى، ئىستېھكام ۋە بىر بىنا ۋەيران قىلىنغان.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان رايوندا يەرگە كۆمۈلگەن 26 مېنا ۋە 971 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر