سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› دائىرىسىدە ئەسەرىييەنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.

576524
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› دائىرىسىدە ئەسەرىييەنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› دائىرىسىدە 13 نىشان يوقىتىپ تاشلاندى؛ ھەرىكەتنىڭ 32 – كۈنىدە ئەسەرىييە رايونى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى زەمبىرەكچى قىسىملىرى دائېشنىڭ 38 نۇقتىسىغا 101 پاي ئوق ئاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر پىلىمۇت ئىستىكامى بىلەن 12 بىنانى يوقىتىپ تاشلىدى.

ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي 1220 نىشانغا زەربە بېرىلدى. ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا، زەيتۇنلۇق رايونىدا بىر ئاپتوموبىل بومبىنى يوقاتتى.

ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۆكتىچىلەرگە ھاۋادىن ئارقا سەپ لازىمەتلىكلىرىنى تاشلاپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر