ئەمىنە ئەردوغان دوست دەپ بىلگەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ 15 – ئىيۇل ۋەقەسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى
ئەمىنە ئەردوغان F16 ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە بومبا ياغدۇرغانلىقى كېنو سەھنىسى ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر» دېدى.
576301
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان نىيۇ يوركتا بىر كونفېرانستا سۆز قىلىپ، دوست دەپ بىلگەن دۆلەتلەرنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمىنە ئەردوغان مەسىلىگە توغرا قاراش كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلىپ، «تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش ئىش ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بولسا، نېمىلەر بولماقچى ئىدى؟» دەپ سورىدى ۋە: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەخپىي قۇۋرۇلمىلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى خاتا تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويماقتا. F16 ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە بومبا ياغدۇرغانلىقى كېنو سەھنىسى ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.