ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا  2 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

576282
ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىنىڭ مۇز تېغى رايونىدا تۈنۈگۈن سائەت 18:47 دىن 19:01 ئۆتكىچە بولغان ئارىلقتا ھەمدە سائەت 22:51 دىن 23:07 ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 2 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، رايوندا ئورنى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە قورال بازىلىرى بىلەن مۈكۈنىدىغان غار ۋە باشقا جايلىرىنىڭ بىت – چىت قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر