دىيارباقىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

دىيارباقىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە پ ك ك لىق تېررورىستلارغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 1 ئەسكەر يارىلاندى.

576346
دىيارباقىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن لىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق چاۋۇندۇر يېزىسىدا ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 1 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مىلىتانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن لىجە، ھازرو ۋە كوجاكۆي ناھىيەلىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر