ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 307 گە يەتتى
ئارمىيەسىنىڭ ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
574957
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئەتىگەندە يۈكسەكئوۋادىكى دۇزۇل تاغلىق رايونىدا بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى 6 تېررورچىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن تېروورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، كىرىۋالغان قورال ئىستىھكامى يوقىتىپ تاشلانغان.
ھاككارى مىقياسىدا 4 – ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 307 گە يەتتى.