دائېش تۈركىيە زېمىنىغا راكېتامىيوت ئاتتى

ئارمىيەسى، دائېشنىڭ كىلىسكە راكېتامىيوت ئېتىلغان نۇقتىلىرىنى زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن توپقا تۇتتى.

575200
دائېش تۈركىيە زېمىنىغا راكېتامىيوت ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونىدىن ئېتىلغان بىر راكېتامىيوت ئوقى تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىگە چۈشۈپ، بەشى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 6 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

كىلىس ۋالىيلىق مەھكىمىسى، شەھەر مەركىزىدىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ كىلىسكە كېلىپ ئورۇنلاشقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى يوللاندى ۋە نەق مەيدان بىخەتەرلىك كارىدورىغا ئېلىندى، خەلق ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكە چاقىرىلماقتا.

كېلىستا ھازىرغىچە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە تەرەپتىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر