قارستىن شېھىت خەۋىرى كەلدى
قارستا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن PKK تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1 ئەسكەر شېھىت بولدى.
574220
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارسنىڭ قاغىزمان ناھىيەسى چەشمە – مادۇر تاغلىق رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى؛ توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى يوشۇرۇنۇۋالغان جايلار كۈچلۈك ئوققا تۇتۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.