ھاككارىدىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
ھاككارىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەرلەردىن بىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
572318
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھاككارى ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پ ك ك تېررورچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىلانغان بىر ئەسكەر، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.
تۈنۈگۈن ھاككارى ۋىلايىتىنىڭ ئاغاچدىبى يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان ئەسكەرلەردىن بىرى، دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا 3 ئەسكەر شېھىت بولۇپ، 4 ئەسكەر يارىلانغان بولسا، 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.