«15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن دۈشمەنلىرى ئېنىق ئايرىلغان مۇھىم بىر كېچە»

باش مىنىستىر يىلدىرىم 15 – ئىيۇل كېچىسىنىڭ پەقەت ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى تارمار قىلىنغان كېچىلا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن دۈشمەنلىرى ئوتتۇرىغا چىققان مۇھىم بىر كېچە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

571883
«15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن دۈشمەنلىرى ئېنىق ئايرىلغان مۇھىم بىر كېچە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئاغرىنىڭ دوغۇبايازىت ناھىيەسىدىكى تەندۈرەك تېغى گۆكچەبۇلاق يېزىسىدا پ ك ك لىق تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەرزۇرۇمغا يېتىپ باردى ۋە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تېررور تۈركىيەنىڭ تەقدىرى ئەمەس. تېررورنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنتەرتىپىمىز پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن تاغقا كەتكەن بالىلار ئەمەس، ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كەتكەن بالىلار بولىدۇ.»

باش مىنىستىر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇۋاتقانلارنىڭ ئەتە – ئۆگۈن چوقۇم قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ غايىسىنىڭ ھەرگىزمۇ كوردلار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىمۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنىمۇ مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئارىسىدىن تازىلايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولىمىزنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەنىڭ دوستلىرى بىلەن دۈشمەنلىرى ئېنىق ئايرىلغان مۇھىم بىر كېچە. شۇ كېچىسى ئەزىز خەلقىمىز ۋەتەن خائىنلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى. زېمىنىمىزنى كۆز نۇرىمىزغا ئوخشاشلا ئاسرايمىز. خىرىس قىلغانلارنى ئادەم بولغىنىغا پۇشايمان قىلغۇزىمىز. 15 – ئىيۇل روھى يوقىمىغان تەقدىردە، ھېچكىم، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر كۈچ بىزگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر