فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 21 – كۈنىگە قەدەم قويدى

سۈرىيە چېگراسىدا «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان بىلەن ئۈزلۈكسىز كۆزۈتۈش ۋە بايقاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

570535
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 21 – كۈنىگە قەدەم قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ھەرىكەت 21 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا كونتروللۇقى تارتىپ ئېلىنغان 845 كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق جايدا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشتى. ھەرىكەت ساھەسى دائىرىسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 5 نىشانىغا 11 قېتىم زەمبىرەك ئېتىلدى. ھازىرغا قەدەر جەمئىي 523 نىشانغا 2243 قېتىم زەمبىرەك ئېتىلغان بولدى.

ئىتتىپاقداش قىسىملارمۇ دائېش ئۇنسۇرلىرىغا قارىتا 4 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ جەرياندا 3 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 4 مىنامىيۇت ۋە 1 مۇداپىئە بازىسى بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

سۈرىيە چېگراسىدا «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان بىلەن ئۈزلۈكسىز كۆزۈتۈش ۋە بايقاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ھەرىكەت جەريانىدا رايوندىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا.

    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر