ئەردوغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى

قۇربان ھېيتنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈۋاتقان دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھېيتنى تەبرىكلەشتى.

570213
ئەردوغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئالسانى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس، پاكىستان باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئۇ كۆرۈشۈشتە، قۇربان ھېيتنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، خاتىرجەملىك ۋە ئامان-ئېسەنلىككە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر